بۈگۈر ناھىيىسىنىڭ ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك تېنچ ناھىيە بەرپا قىلىش تەشۋىقات ماتىرىيالى
1. تېچلىق قۇرۇلۇشى دىگەن نىمە؟
جاۋاپ: تېنچلىق قۇرۇلۇشى يېڭى ۋەزىيەتتىكى جەمىيەت باشقۇرۇش ھەر تەرەپلىمە تۈزەش خىزمىتىنى كۈچەيتىشتىكى يېڭى تەدبىر، ئىناق جەمىيەت بەرپا قىلىش، ئىقتىسادى قۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى كاپالەت قۇرۇلۇشى، خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدايدىغان، خەلق ئاممىسى ئارزۇ قىلىۋاتقان ئەلرايى قۇرۇلۇشى، شۇنداقلا پارتىيىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈپ، پارتىيىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى مۇستەھكەملەيدىغان ئاساسى قۇرۇلۇش.
2. تېنچلىق قۇرۇلۇشىنىڭ نىشانى نىمە؟ يادىروسى نىمە؟
جاۋاپ: سىياسى جەھەتتە تېنچ، جەمئىيەت مۇقىم، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشى بىخەتەر، مەدەنىي پائالىيەتلەر ساغلام، قانۇن- تۈزۈملەر مۇكەممەل، ئامما رازى بولغان بولۇشتىن ئىبارەت. يادىروسى بولسا : مۇكەممەل بولغان جەمىيەت ئامانلىقى ئۇزۇن ئۈنۈملۈك خىزمەت مىخانىزىمىنى بەرپاقىلىش .
3. تىنىچلىق قۇرلىشىنىڭ ئالتە چوڭ سېستىمىسى نىمە ؟
جاۋاب: قاتتىق زەربە بېرىش،تۈزەش سېستىمىسى. ئامانلىق ساقلاش بويۇنچە ئالدىنى ئېلىش سېستىمىسى. ئامانلىق باشقۇرۇش سېستىمىسى، يېتەكلەپ كونتۇرول قىلىش سېستىمىسى، ئەخلاق-قانۇن سېستىمىسى،تەشكىلى قۇرلۇش سېستىمىسى.
4. بۈگۈر ناھىيىمىز قاچان ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق تىنىچ ناھىيە قۇرلۇشىنى تاماملىغان، قاچان ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق تېنچ ناھىيە دەپ نام بېرىلگەن؟ قاچان ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق تېنچ ناھىيە پەخرىي نامنى ئەسلىگە كەلتۇررىدۇ ؟
جاۋاپ: بۈگۈر ناھىيىمىز 2009-يىلى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق تىنىچ ناھىيە قۇرلۇشىنى تاماملىغان،2010-يىلى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق تېنچ ناھىيە دەپ نام بېرىلگەن،2016-يىلى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق تېنچ ناھىيە پەخرىي نامنى ئەسلىگە كەلتۇررىدۇ.
5. بۈگۈر ناھىيىمىزنىڭ« ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق تىنىچ ناھىيە» قۇرۇش سەپەرۋەرلىك يىغىنى قاچان ئېچىلدى؟
جاۋاپ: 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى.
6. بۈگۈر ناھىيىمىزنىڭ« ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق تىنىچ ناھىيە» نى ئەسلىگە كەلتۇرۇشنىڭ تۆت باسقۇچى قايسى ؟
جاۋاب: ئورۇنلاشتۇرۇش، جامائەت پىكرى تەشۋىقاتى، ئومومىي يۇزلۇك ئىلگىرى سۈرۈش،خۇلاسىلاپ ئۆتكۈزىۋېلىشتىن ئىبارەت تۆت باسقۇچ .
7. تېنچلىق قۇرۇلۇشىدىكى " بىر تۇيغۇ، ئۈچ نىسبەت " نىمىنى كۆرسىتىدۇ؟
جاۋاپ: ئاممىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ۋە تېنچلىق قۇرۇلۇشىغا بولغان بىلىش نىسبىتى، قاتنىشىش نىسبىتى ۋە جەمىيەت ئامانلىقى ۋە سىياسى قانۇن تارماقلىرىنىڭ خىزمەتلىرىدىن رازى بولۇش نىسبىتىنى كۆرسىتىدۇ. بىخەتەرلىك تۇيغۇسى چوقۇم% 98 تىن يۇقىرى بولىشى كېرەك.
8. ئاساسى قاتلام تېنچلىق بەرپا قىلىش پائالىيىتىنىڭ ئاساسى ۋەزىپىسى نىمە؟
جاۋاپ: جىنايى ئىشلار جىنايەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئازايتىپ، ياخشى بولغان جەمىيەت تەرتىپىنى ساقلاپ، جەمىيەت ئامانلىقى خىزمىتىنىڭ ئاممىۋى ئاساسىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت.
9.تېنچ ئائىلىنىڭ ئۆلچەملىرى قايسىلار؟
جاۋاپ: تېنچ ئائىلىنىڭ ئۆلچىمى: قانۇن- ئىنتىزامغا رىئايە قىلىپ، جىنايەت سادىر قىلمىغان بولۇش؛ ئائىلىسى ئىناق زوراۋانلىق قىلمىشلىرى بولماسلىق؛ بىخەتەرلىككە ئەھمىيەت بېرىپ، ھادىسە بولماسلىق؛ جەمئىيەت مەدەنىي بولۇش، نادانلىقنى تۈگىتىش؛ مىللەتلەر ئىناق بولۇش، ماجرا بولماسلىق.
10.تىنچ-ئامان ئائىلە بەرپا قىلىشنىڭ تەرتىپىنى قايسىلار
جاۋاپ: ئائىلە ئىلتىماس قىلىش ، بارلىق قۇرامىغا يەتكەن ئائىلە ئەزالىرى ئىمزا قويۇش ، كەنىت (مەھەللە باشقۇرۇش كومىتىتى) ئائىلىنى ئېلان قىلىش. .
11. دىنى ئەسسەبى كۈچ دىگەن نىمە؟
جاۋاپ: دىنى ئەسەبى كۈچلەر دىننى قالقان قىلىپ، ئەسەبى ئىدىيە تەشەببۇسىنى تارقىتىپ، تېرورلۇق ھەركەتلىرى ياكى بۆلگۈنچىلىك ھەركەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر خىل ئىجتىمائى سىياسى كۈچتۇر.
12.«تىنىچلىق ھۇجەيرە قۇرلىشى» نىڭ دائىرىسى قايسىلار؟
جاۋاب: تىنىچ ئىدارە، تىنىچ يېزا-بازار،تىنىچ كەنىت(مەھەللە)، تىنىچ ئائىلە، تىنىچ سودا ئورنى، تىنىچ كارخانا، تىنىچ مەدەنىيەت سورىنى، تىنىچ دىننىي پائالىيەت سورىنى، تىنىچ مەكتەپ، تىنىچ دوختۇرخانا، تىنىچ قۇرلۇش ئورنى، تىنىچ چىگرا قاتارلىقلار.
13. جەمىيەت ئامانلىقى ئالدىنى ئېلىش كونترول قىلىش سېستىمىسىدىكى "ئۈچ ئالدىنى ئېلىش" نىمىنى كۆرسىتىدۇ؟
جاۋاپ: ئادەم ئارقىلىق ئالدىنى ئېلىش، ماددى جەھەتتىن ئالدىنى ئېلىش، تېخنىكىلىق ئالدىنى ئېلىش.
14. "ئۈچ قانۇنسىز" پائالىيەت دىگەن نىمە؟
جاۋاپ: قانۇنسىز دىنى ھەركەت، قانۇنسىز تەشۋىقات بۇيۇملىرى، ئىنتىرنىتتىن پايدىلىنىپ قانۇنسىز دىن تارقىتىشنى كۆرسىتىدۇ.
15. "ئۈچ خىل كۈچ" دىگەن نىمە؟
جاۋاپ: زوراۋان تېرورچى كۈچلەر، مىللى بۆلگۈنچى كۈچلەر، دىنى ئەسەبى كۈچلەر.
16. "بىرگە قارشى تۇرۇش، ئىككىگە ئەھمىيەت بېرىش" نىڭ مەزمۇنى نىمە؟
جاۋاپ: زوراۋانلىققا تارشى تۇرۇش، قانۇن ئىدارە قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش، تەرتىپكە ئەھمىيەت بېرىش. زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش دىگىنىمىز بارلىق زوراۋانلىق جىنايەتلىرىگە قارشى تۇرۇش ھەمدە قانۇن بويىچە زەربە بېرىش ۋە چەكلەشنى كۆرسىتىدۇ؛ قانۇن ئىدارە قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش دىگىنىمىز قانۇن بويىچە قانۇن بويىچە ئىش قىلىش، قانۇن بويىچە تۈزەشتە چىڭ تۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ؛ تەرتىپكە ئەھمىيەت بېرىش دىگىنىمىز "قانۇن- ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش" تا چىڭ تۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ.
17. زەھەرلىك بۇيۇم دىگەن نىمە؟
جاۋاپ: زەھەرلىك بۇيۇم دىگىنىمىز ئەپيۇن، خىرويىن، مورفىن، نەشە، كوكايىن، ۋە گوۋۇيۈەن نازارەت قىلىشنى بەلگىلىگەن خۇمار پەيدا قىلىدىغان ناركوز دورىلىرى ۋە روھى كېسەللىك دورىلىرىنى كۆرسىتىدۇ.
18. بىدئەتچىلىك تەشكىلاتى دىگەن نىمە؟
جاۋاپ: دىن، يەل گۇمپىسى، ياكى باشقا ناملار بىلەن قۇرۇلغان، باشلامچىسىنى ئىلاھىلاشتۇرۇپ، خۇراپاتلىق ۋە ناتوغرا گەپ- سۆزلەرنى توقۇش، تارقىتىش قاتارلىق ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ، باشقىلارنى ئازدۇرۇپ ئالداپ، ئەزالىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇپ ۋە كونترول قىلىپ، جەمىيەتكە خەۋپ ئېلىپ كېلىدىغان قانۇنسىز تەشكىلاتنى كۆرسىتىدۇ.
19. ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش دىگەن نىمە؟
جاۋاپ: ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش دىگىنىمىز: دۆلەت، جەمىيەت ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ مەنپەئەتى زىيانكەشلىككە ۋە خەۋپكە ئۇچرىغاندا، ئادالەتنى قوغداش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىگە قارىماي، باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىش ھەركىتىنى كۆرسىتىدۇ. رىيال تۇرمۇشتا دائىم ئۇچرايدىغان ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش مۇنداق بىرنەچچە تۈرلۈك بولىدۇ: (1) جىنايەتنى توسۇش (2) جىنايەتكە تاقابىل تۇرۇش (3) جىنايەتچىنى قولغا چۈشۈرۈش (4) خەتەرگە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتكە ئۇچرىغانلارنى قۇتقۇزۇش (5) ئۆلۈمدىن قۇتقۇزۇش يارىدارلارنى قۇتقۇزۇش.
20.سىز ئولتۇرۇشلۇق ئاھالىلەر كومىتېتى ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش،ئوغرىلىقتىن مۇداپىئەلىنىش،شەھۋانىلىقتىن مۇداپىئەلىنىش،قىمارۋازلىقتىن مۇداپىئەلىنىش،زەھەردىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى ۋە تەشۋىقات پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇرۇپ باقتىمۇ؟
جاۋاپ:ئورۇنلاشتۇردى.ئاھالىلەر كومىتېتى دائىم ئاھالىلەر كومىتېتى كادىرلىرى،خەلق ساقچىلىرى،ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش قۇراللىق ساقچىلىرىنى تەشكىللەپ رايۇنغا كىلىپ تەشۋىقات ئېلىپ بارىدۇ.ئاھالىلەرنى ھۆددىگە ئالغان كادىرلار ئاھالىلەردىن ئەھۋال ئىگىلەش جەريانىدا، بىزنى دائىم ئوت ئاپىتى ۋە ئوغرىلىقتىن ساقلىنىش توغرىسىدا ئەسكەرتىدۇ ۋە تەشۋىقات ئېلىپ بارىدۇ.
21.سىزنىڭ بۇ يەرنىڭ جەمئىيەت ئامانلىقىغا بولغان تەسىراتىڭىز قانداق؟
جاۋاپ: چارلاش ئەترەتلىرى كۆپ ،ساقچىلارنى داۋاملىق ئۇچۇرتۇپ تۇرىمىز،يەنەكۆرۇنمە چاستوتىلىق نازارەت قىلىپ تىزگىنلەش ئەسلىھەلىرى بار، شۇڭلاشقا ئىنتايىن بىخەتەر ھېس قىلىمەن
22.قايسى ئادەملەر ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى بىجرىشى كېرەك؟
جاۋاپ:16ياشتىن يۇقۇرى بولغان ئاقما نۇپۇسلار ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق جايىدا30كۈندىن ئارتۇق تۇرىدىغانلار،3كۈن ئىچىدە ئۆزى تۇرۇشلۇق ئاھالىلەر كومىتېتىغا بېرىپ ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى بىجىرىشى كېرەك.
23.سىزنىڭچە سىز تۇرۇشلۇق جاينىڭ جەمئىيەت ئامانلىق ئەھۋاللىرى ئىلگىركى يىللارغا سېلىشتۇرغاندا قانداقراق؟
جاۋاپ:ئىلگىركى يىللارغا قارىغاندا كۆرۇنەرلىك ياخشىلىنىش بار،ئەتراپتىكى باشقا ناھىيە-شەھەرلەردىنمۇ ياخشى.
24.سىز داۋاملىق مېڭىپ تۇرىدىغان ئاساسلىق كۇچىلاردا كۆرۇنمە چاستوتىلىق نازارەت قىلىپ تىزگىنلەش ئەسلىھەلىرى بارمۇ؟
جاۋاپ:نۇرغۇنى بار،كوچىلاردا،رايۇن دەرۋازىلىرىدا،ئادەملەر زىچ توپلاشقان بازارلارنىڭ ھەممىسىدە بار.
25.كېچىسى كوچىلاردا چارلاش خادىملىرى بارمۇ؟
جاۋاپ:چارلاش خادىملىرى بار،جامائەت-خەۋىپسىلىك ساقچىلىرى،قۇراللىق ساقچى قىسىمى،يەنە ھەرقايسى ئىدارە-ئورگانلار ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنى تەشكىللەپ ئۈچۈنچى دەرىجىلىك تورسىمان چارلاش ئېلىپ بارىدۇ.
26.سىز ناھىيىمىزنىڭ سىياسى قانۇن كادىر-ساقچىلىرىنىڭ(جامائەت خەۋىپسىزلىك،تەپتىش،خەلق سوت،ئەدلىيە)خىزمىتىدىن رازىمۇ؟
جاۋاپ: ناھىيىمىزنىڭ سىياسى قانۇن كادىر-ساقچىلىرى قانۇن بىلەن ئىدارەقىلىش ئىدىيىسىنىڭ تۇرتكىسىدە،ئىلىم-پەن ئارقىلىق تەرەققى قىلىش قارىشى قاتارلىق تەربىيەلەش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق«پارتىيە ئۇمۇم ئۈچۈن،قانۇن ئىجراقىلىش خەلق ئۈچۈن»دېگەن ئېڭى كۆرۇنەرلىك ھالدا ئاشتى، سىياسى-قانۇن كادىر-ساقچىلىرىنىڭ خىزمىتىدىن رازى.
27.سىلەرنىڭ بۇ يەردە تىنچ-ئامانلىق بەرپا قىلىش پائالىيىتى بۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلەمسىز؟سىز قايسى پائالىيەتلەرگە قاتناشتىڭىز؟تىنچ-ئامانلىق بەرپا قىلىش پائالىيىتى سىلەرگە قانداق نەپ يەتكۈزدى ؟
جاۋاپ:بىلىمەن،مەن ئاھالىلەر كومىتىتى(يېزا-كەنىت،ئىدارە) ئورۇنلاشتۇرغان تىنىچلىق قۇرۇلۇشىغا ئائىت تەشۋىقان ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش توغرىسىدىكى پائالىيىەتلەرگە قاتناشتىم،تىنىچلىق بەرپاقىلىش پائالىيىتى باشلانغاندىن بۇيان،ئەتراپىمىزدىكى ئاممىلار ئاكتىپلىق بىلەن ئاھالىلەر كومىتىتى(يېزا،كەنىت،ئىدارە)نىڭ تىنىچلىق قۇرۇلۇشىغا ئائىت تەشۋىقان پائالىيىتى،نۆۋەتچىلىك قىلىش،چارلاش،قانۇن تۈزۈم ئۆگۈنۈش پائالىيەتلەرگە قاتناشتۇق.ئۇرۇشۇش،ئوغرىلىق قاتارلىق ئامانلىق دېلولىرى كۆرۈنەرلىك ئازايدى،ئىجتىمائىي تەرتىپ بارغانچە ياخشىلىنىۋاتىدۇ.